您现在的位置:

气体废料 >> 正文 >

撼动明星时尚地位,时尚红人征战米兰时装周

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى  ئەنگلىيە ‹‹ ئەينەك گېزىتى ›› نىڭ 6-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستانلىق ئەر بىر يىلان بىلەن توي قىلماقچى بولغاندا ساقچىلار بۇ ‹‹ غەيرىي توي ›› نى ۋاقتىدا توسۈپ قالغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن ساندېپ ھىندىستاندا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۆ توي قىلماقچى بولغان يىلاننىڭ ئەسلى بىر گۈزەل قىز ئىكەنلىكىگە شۈبھىسىز ئىشىنىپ، ئۇنى جىنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىكەن. ئۇ كىشلەرگە ئۆزىنىڭمۇ بىر يىلانغا ئايلىنالايدىغانلىقىنى، پاسخا بايرىمى كۈنى بۇ يىلان قىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە قارىتا بەزىلەر ئۇنى، ئادىشىپ قاپتۇ، دېسە، بەزىلەر: بۇ دۇنيادا مۈمكىن بولمايدىغان ئىش يوق، دەپ قارىغان. <焦作哪家医院主治癫痫病/p>

توي بادۋاپۇر كەنتىدىكى بىر ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن، بۇ ئاجايىپ توينى كۆرۈش ئۈچۈن 12 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ئادەم ئىبادەتخانىغا توپلاشقان، توي بولۇۋاتقاندا يەرلىك ھەربىي قىسىم بىلەن ساقچىلار تۇيۇقسىز ئىبادەتخانىغا بۆسۈپ كىرىپ بۇ غەلىتە توينى توختاتقان، ساندېپ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى ‹‹ تىنچلىقنى بۇزۇش ›› جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىنغان، يەرلىكلەر ساقچىلارنىڭ بۇ تويغا توسقۇنلۇق قىلغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

 

مۇھەررىر: خانقىز دىلشات

© http://zs.tldxb.com  绛洞花王网    版权所有