您现在的位置:
发布时间:2022-05-09 15:05:20
جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. 23 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئۈرۈمچىدە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مالىيە – ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شېڭلىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى يەتكۈزۈپ، بۇ قېتىملىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈشنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئىزچىل مۇقىم، ياخشى بولۇپ كەلدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىدە قازا قىلغانلار ئۇدا ئون يىل ئازلىدى.
ئەركىن ئىمىرباقى سۆزىدە ئالدى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەت خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم شەكلى، قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم يولى. بۇ قېتىملىق قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى ئىزچىللاشتۇرۇلۇش، يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتا ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئىنكاس قىلىپ، بۇ يىل 12 – ئايدا ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇپ، گوۋۇيۈەن ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىر قىسىم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سۆھبەت يىغىنىغا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.
تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، يەنە بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىپ، خەلق ھۆكۈمىتى شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇنلارنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دېھقانچىلىق شۇنداقلا يېزىلاردا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرىدۇ ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر: مەدىنۇر ئەخمەت