您现在的位置:

气体废料 >> 正文 >

什么是气温骤升综合症

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سىدىق مىجىت، دىلشات پولات خەۋەر قىلىدۇ)  يېقىنىقى يىللاردىن بۇيان، توقسۇ ناھىيەسى باغ - ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغانلىقتىن، باغ - ئورمانچىلىق يېزا - كەنت ئىقىتىسادى تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېششىدا تۈۋرۈكلۈك كەسپكە ئايلاندى.

20 – سېنتەبىر، مۇخبىر توقسۇ ناھىيە تاشئېرىق يېزىسىنىڭ ئاراتۈگمەن كەنتىدىكى مىجىت ھاۋۇلنىڭ ياڭاقلىق بېغىدا ئورەك كولاپ ياڭاقنى ئوغۇتلاۋاتقانلقىنى كۆردى. بۇ يىل تۆت مو ياڭاقتىن ياخشى كىرىم قىلغان مىجىت ھاۋۇل مۇداق دېدى :«مېنىڭ تۆت مو ياڭاقلىق بېغىم بار، بىر موسىنى 2000 يۈەندىن تۆت موسىنى 8000 يۈنگە ساتتىم، ھەقىقەتەن ياخشى كىرىم قىلدىم، بىر نەچچە يىل ئىلگىرى كېۋەز ۋە بۇغدايدىن بۇنداق كۆپ كىرىم قىلالمايتۇق، بۇ ياڭاقلار مېنى راسلا باي قىلدى، شۇڭا ئوغۇتلاش، باشقۇرۇش ئىشلىرىنى تۈجۈپلەپ قىلىۋاتىمەن».

تاشئېرىق يېزىسىنىڭ ئارا تۈگمەن كەنتىدە مىجىت ھاۋۇلغا ئوخشاش ياڭاقچىلىققا تايىنىپ كىرىمنى ئاشۇرۋاتقان دېھقانلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە.

بۇ يىل 50 ياشتىن ئاشقان مىجىت ناسىرمۇ تۆت مو يېردىكى چىلانغا دورا چېچىش، ھارام شاخلىرىنى پۇتاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.  ئۇ مۇنداق دېدى :«بۇ يىل چىلانلىرىم غۇچچىدە بولۇپ كەتتى، مەن ناھايىتى خوشال، بۇلتۇر 15 مىڭ يۈەنلىك چىلان ساتقان، بۇ چىلانلارنىڭ مېۋىلەش ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ يىل تېخمۇ كۆپ كىرىم قىلالىشىم مۇمكىن».

توقسۇ ناھىيەسىدە باغ - ئورمانچىلىق كەسپى يېزا ئىگلىك ئىقتىسادىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگللەيدۇ. ئىگىلىنىشچە، نۆۋەتتە ناھىيە بويىچە باغ – ئورمان ئومۇمىي كۆلمى 370 مىڭ موغا، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 310 مىڭ موغا، مېۋە - چىۋە ئومۇمىي  مەھسۇلاتى 140 مىڭ توننىدىن كۆپرەككە، كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن باغ - ئورمانچىلىق كىرىمى 3600 يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 600 يۈەن ئېشىش مۆلچەرلەنمەكتە.

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

© http://zs.tldxb.com  绛洞花王网    版权所有