您现在的位置:

气体废料 >> 正文 >

男人身体素质下降的信号你占了几个

 

ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، رايىلە مۇرتىزا خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئونسۇ ناھىيەلىك ياشلار مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچى ۋېي گوچىڭ جاڭسۇ تېلېۋىزىيەسىنىڭ «ئاخىرىغىچە تۇرۇش» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ پۇختا ئەدەبىيات سەۋىيەسى بىلەن چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈپ، شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدى.

«ئاخىرىغىچە تۇرۇش»  قىزىقارلىق، كەسكىن رىقابەت تەلەپ قىلىپ، بىلىم ۋە ئومۇمىي ساپانى سىنايدىغان يېڭىچە پروگرامما بولۇپ، سىناق مەزمۇنى تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئەدەبىيات، تارىخ، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، تەنتەربىيە، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

ناھىيەلىك ياشلار مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئوقۇتقۇچى ۋېي گوچىڭ مۇنداق دېدى :«مەن بۇ پروگراممىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن ھەر قايسى جەھەتلەردىكى قامۇس ۋە ماتېرىيالارنى توپلاپ، مۇسابىقىگە پۇختا تەييارلىق قىلدىم، لېكىن مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم توردىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ياكى چولپانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆڭۈل ئېچىش ئۇچۇرلىرى ئىدى، مەن دائىم تورغا چىقىپ، يېڭى ئۇچۇر، يېڭى سۆزلەرنى خاتىرلەپ، بۇ مەزمۇنلارنى يادلىۋالدىم، شۇندىلا مېنىڭ بۇ پروگراممىغا قاتنىشىشتا ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى. بىر مۇئەللىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر كۈنى بالىلارغا دەرس ئۆتۈش، دەرس تەييارلاشتىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان ساز چېلىش، ناخشا ئېيتىش بىلەن شۇغۇللىنىمەن، نەگىلا بارماي نەزمە كىتاب، داڭلىق ئەسەرلەرنى ئېلىۋېلىپ، بوش ۋاقىت بولسىلا كىتاب ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرىمەن، ھازىرقى بىلىملىرىمنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاز-ئازدىن توپلاپ ئۆگەنگەن».

ناھىيەلىك ياشلار مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئوقۇتقۇچى بو يوڭ مۇنداق دېدى :«ئۇنىڭ ‹ئاخىرىغىچە تۇرۇش› پروگراممىسىدىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بىز ناھايىتى خۇش بولدۇق، ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە، ئونسۇ ناھىيەمىزگە ۋە پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىمىزگە شەرەپ ئېلىپ كەلدى، مۇشۇنداق بىلىملىك ئوقۇتقۇچىمىز بولغانلىقىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمىز».

 

مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز

© http://zs.tldxb.com  绛洞花王网    版权所有