您现在的位置:
发布时间:2022-05-09 15:06:34
ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەد تۇراپ خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، توقسۇ ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە، جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ھەممىباب ئاۋاتسىيە ئايرودورومى قۇرلۇشى تۈرى بولغان توقسۇ ناھىيە تىيەنشىنئەي ھەممىباب ئاۋاتسىيە ئايرودورومى قۇرۇلۇشىدا ئاپرېلنىڭ بېشىدا ئىش باشلانغان.
安顺看癫痫病最好的专科医院8pt; unicode-bidi: embed; DIRECTION: rtl; mso-char-indent-count: 1.5" dir="rtl" class="MsoNormal" align="justify"> بۇ تۈر توقسۇ ناھىيەسىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 1080 مو. بۇ تۈرگە بېيجىڭ تىيەنشىنئەي ھەممىباب ئاۋاتسىيە چەكلىك شىركىتى 70 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى پىلانلىغان. پىلان بويىچە بۇ يىل ئىچىدە بۇ قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئۇچۇش رايۇنىنىڭ يول يۈزى قۇرۇلۇشى ۋە ئاۋىئاتسىيە بىناسى قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، كېلەر يىلى مايدا بۇ تۈر قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۋېلىش، سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، ئاۋىئاتسىيە تەرتىپنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتى بېجىرىلگەندىن كېيىن، 2016-يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئايرودورومنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
بېيجىڭ تىيەنشىنئەي ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى سۇن يىڭبىن مۇنداق دېدى:« بۇ ئايرودوروم پۈتكەندىن كېيىن، ئورمانلارنى ئاسراش، ئورمانلاردىكى كېسەللىك، زىيانداش ھاشارەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يوقىتىشنى ئاساسلىق خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ، تىك ئۇچار ئايروپىلان ئارقىلىق ئورمانلار ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرگە دورا چېچىپ، ئېكلوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە باغ ئورمانچىلىق ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىك كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىمىزنى قوشىمىز، بىز يەنە ئاۋىئاتسىيە سالاھىيىتى بويىچە تەربىيەلەش، ھاۋادىكى جىددى قۇتقۇزۇش، ساياھەت مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويىمىز».
南阳专治癫痫的医院是哪家te; TEXT-ALIGN: justify; TEXT-INDENT: 18pt; unicode-bidi: embed; DIRECTION: rtl; mso-char-indent-count: 1.5" dir="rtl" class="MsoNormal" align="justify">توقسۇ ناھىيەسىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئىلى بىلەن بولغان ئارلىقى 500 كىلومېتىر ئەتراپىدا، كورلا ۋە ئاقسۇ شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 300 كىلومېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، توقسۇ ناھىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان مەركىزى نوقتىغا جايلاشقان بولغاچقا، ئايرودوروم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ پۇقرالىرى بىۋاستە مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ. ناھىيەلىك سودىگەر چاقىرىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چاۋجى مۇنداق دېدى:« ناھىيەمىز بۇلتۇر 4-نۆۋەتلىك جوڭگو ئاسىيا ياۋروپا يەرمەنكىسىدە بېيجىڭ تىيەنشىنئەي ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە ئايرودورومى قۇرۇش توغىرسىدا ھەمكارلىق توختامى ئىمزالغان بولۇپ، بۇ تۈرنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك رەسمىيىتى بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، قۇرۇلۇش قىلىش ۋاقتى سەل كىچىكىپ قېلىپ، ئاپرېلنىڭ بېشىدا قۇرۇلۇش رەسمىي باشلاندى».
مۇھەررىر: مېھرىئاي ئېزىز